| ئەسسىالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر! تۆۋەندە مەن تور بىتىمىز گە يېڭىدىن كىرگەن دوسلار ئۈچۈن بىر ئەقلىي تېلفۇنلارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن مەيلى يېڭى ئۈگەنگۈچى بولۇڭ ياكى يانفۇن بىلىملىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرىڭىز بولسۇن،چوقۇم يانفونغا دېتال،ئويۇن،ئۇسلۇب قاچىلاش،ئۇيغۇرچە كىتابلارنى چۈشۈرۈپ ئوقۇش،يانفۇننىڭ ھەرقايسى مەخپىيەتلىكلىرىنى تولۇق چۈشۈنۈۋالالايسىز! ئەمىسە باشلىدىم. ئەقلىي يانفۇن دىگەن نىمە؟ ئەقلىي يانفۇن دىگىنىمىز ئادەتتىكى يانفۇنلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقىىدارلىرى تولۇق بولغاندىن سىرىت(تېلفۇن ئۇرۇش،قوبۇل قىلىش ئۇچۇر يوللاش،ناخشا ئاڭلاش....) باشقا دېتاللانى چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئارقىلىق ھەرخىل ئىقتىدارلارنى قوشۇشدىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقى بار ئەگەر مۇشۇ ئارتۇقچىلىقى بولمىسا ئەقلىي يانفۇنلارنىڭ ئادەتتىكى يانفۇندىن ھىچقانداق پەرقى بولمايدۇ،ئەقلىي يانفۇنلارغا دېتال قاچىلاش ئارقىلىق ھەرخىل ئىقتىدارلارنى قوشقۇلى بولىدۇ،مەسىلەن: QQپاراڭلىشىش(ئادەتتىكى تېلفۇنلاردىمۇ بار،لىكىن ئەقلىي تېلفۇنلارغا قاچىلىنىدىغىنى ئىقتىدارى كومپۇيۇتېردىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ئاۋازلىق پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ) تورغا چىقىش،كومپۇيۇتېردا چىققان ھەرقانداق توربەتنى نورمال زىيارەت قىلالايسىز(ئۇيغۇرچە بەتلەردىن باشقا ،بۇ مەسىلە پات ئارىدا ھەل قىلىنىدۇ) ناخشا قويغۇچلارنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ،ئادەتتىكى تېلفۇنلاردا mp3,3gp,aviقاتارلىقلارنىلا قويغۇلى بولىدۇ،ئەقلىي يانفۇنلاردا بولسا كومپۇيۇتېردا قويغان ئاساسلىق فىلىم ۋە ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ ھەممىنى بىمالال كۆرگۈلى بولىدۇ ئاددىسى ئەقلىي يانفۇنلاردا كومپۇيۇتېردا قىلغىلى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ مىنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتان تېلفونۇمدىمۇ 200دىن ئارتۇق ئويۇن،500دىن ئارتۇق دېتال....ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە بار،تېخى دېتال تەرجىمە قىلىش قورالىمۇ بار ئاددىسى ئەقلىي تېلفۇن دىگەننى بىر كىچىك تىپتىكلى كومپۇيۇتېر دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ. ئەقلىي يانفۇنلارنى قانداق پەرىق ئېتىمىز؟ ئالدى بىلەن تېلفۇننىڭ باتارىيەسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ تىپىنى كۆرىمىز ،تىپى دىگىنىمىز ماركىسى ئەمەس بەلكى شۇ ماركىدىكى تېلفۇننىڭ ئايرىمىسىنى كۆرسىتىدۇ مەسىلەن nokiaبىڭ 7610،N70,N73....قاتارلىق تۈرلىرى بولىدۇ،مانا بۇ ماركىسىنىڭ ئارقىدىكى ھەرىپ-سانلار شۇ تېلفۇننىڭ تىپى بولىدۇ تىپىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن توردىن شۇ تىپتىكى تېلفۇنلارنى تەپسىلى ئارخىۋىنى تەكشۈرسەكلا بولىدۇ 智能ياكى 智能دىگىنى شۇ. بۇنىڭدىن باشقا نوكىيا تېلفۇنلارنىڭ ئەقلىي ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولۇپ كوبۇپكا تاختىسىدا بىر قەلەمنىڭ بەلگىسى بار بولسا بۇ تېلفۇن 100%ئەقلىي يانفۇن بولىدۇ. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق بىلەلمىسىڭىز بىزنىڭ QQتوپىمىز41161051غا قىتىلىپ ياردەم سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەقلىي يانفۇنلارغا قانداق دېتال ۋە ئويۇن قاچىلايمىز؟ Symbianسۇپىسىدىكى يانفۇنلارنى ئادەتتى SIS SISX JAR JAD قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ توردىن ماس دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تېلفونىڭىزنىڭ كارتىسىغا قويۇسىز تېلفونىڭىزنىڭ 文件管理 ئىقتىدارىنى ئېچىپ كارتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى چۈشۈرگەن دېتالنى قوزغاتسىڭىزلا بولدى،قاچىلاش جەريانىدا Symbian S60 ئۈچۈنجى سۇپۇسىىدىكى تېلفۇنلار دېتالنىڭ گۇۋاھنامىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى(证书过期)دەپ قاچىلانمىسا ،مۇنبىرىمىزنىڭ گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىش رايۇنى غا بېرىپ يانفۇنىڭىزنىڭ IMEI نومۇرىنى يوللاپ قويسىڭىز بىز ۋاكالىتەن گۇۋاھنامە ئېلىپ بېرىمىز IMEIنومۇرىنى يانفۇننىڭ #06#* نى بېسىپ چىقىرىسىز دېتال قاچىلاش جەريانىدا يەنە قاچىلىنىدىغان ئورۇننى تاللايدىغان چاغدا 存储卡نى تاللاڭ ،چغنكى ئەقلىي تېلفۇنلارنى كۆپۈنچىسىنىڭ ئۆز سىغىمى كىچىك ئۆز سىغىمىغا قاچىلاپ قويسىڭىز كىيىن تېلفۇنىڭىزنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ گۇۋاھنامە دىگەن نىمە؟ بۇ نوكىيا شىركىتى Symbian ئۈچۈنجى نۇسخىدىن باشلاپ چىقارغان بىخەتەرلىك ئۇسۇلى يەنى مەلۇم بىر دېتالنى قاچىلىغاندا چوقۇم سىزدە بىر nokia شىركىتى ھاسىللاپ بەرگەن cerھۆججىتى بولىشى كېرەك بۇ ھۆججەتنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن دېتالغا ئىمزا قويۇدىغان قورل بىلەن تېلفونىڭىزغا قاچىلىماقچى بولغان ھۆججەتكە ئىمزا قويۇسىز ئىمزا قويۇدىغان قورالنى مەن كىيىنچە يوللاپ قويۇمەن ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تېلفونىڭىزغا قاچىلىسىڭىز خاتالىق مۇۋاپپەقىيەتلىك قاچىلىنىدۇ دىققەت:بەزى دېتاللارنى تۈزگۈچى ئىمزا قويۇپ بولغان بولىدۇ،بۇنداق دېتاللارغا ئىمزا قويۇش ھاجەتسىز يانفوننىڭ logoسىنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ لوگو دىگىنىمىز يانفونلارنىڭ ئېكران ھالىتىدە كۆرىنىدىغان 中国移动دىگەن مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ بەلگىسى بۇنى ئەقلىي يانفونلاردا خالىغان رەسىمگە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ئاۋال رەسىم تەييارليمىز رەسىمنىڭ رازمىرى 25*97 پىكسىل بولسا بولىدۇ 移动ئابونىتلىرى رەسىم نامىنى 460_0_0.bmp قىلىپ ساقلايمىز 连同 ئابونىتلىرى 460_1_0.bmp قىلىپ ساقلايمىز ئاندىن رەسىمنى يانفوننىڭ تۆۋەندىكى مۇندەرىجىسىگە ساقلايمىز c:systemappsphoneoplogo ئەگەر تۆۋەندىكى قايسى بىر ھۆججەت خالتىسى بولمىسا ئۆزىڭىز قۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ يانفوننىڭ سىستىما ھۆججەتلىرىنى قانداق كۆرىمىز؟ symbian سۇپىسىدىكى يانفونلارنى ئۆزىنىڭ 文件管理دىگەن دېتالى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايمىز بىراق ئۇنىڭ بىلەن قوغدىلىدىغان رايونلارنى كۆرەلمەيمىز بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى دېتالدىن پايدىلىنىمى دېتال نامى:Fileman بۇ symbian 2- نۇسخىسىدىكى يانفونلار ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ 3-نۇسخىدىكى يانفونلار ئىشلىتەلمەيدۇ 3-نۇسخىدىكى يانفونلار ئۈچۈن بۇ دېتالنى ئىشلىتىمىز دېتل نامى:AvtiveFile بۇ دېتاللار ئارقىلىق يانفونىڭىزنى ھەر قانداق جايىنى بىمالال زىيارەت قىلالايسىز فورماتلاش دىگەن نىمە؟قانداق ۋاقىتتا فورماتلايمىز؟ فورماتلاش دىگىنىمىز يانفوننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە ئەكىلىش دىگەنلىكتۇر تېلفونىڭىز نورمال ئىشلىمىگەندە،يۇمشاق دېتالىدىن كاشىلا كۆرۈلگەندە.....ئىشقىلىپ بىنورمال بولۇپ قالغاندا فورماتلىسىڭىز بولىدۇ فورماتلاش ئارقىلىق يانفوننىڭ بارلىق ئۇچۇر،ھۆججەتلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ (دىققەت:فورماتلىغان ۋاقىتتا سىغىم كارتىسىنى ئېلىۋىتىش ھاجەتسىز،فورماتلاش پەقەت يانفوننىڭ سىغىمىنىلا فورماتلايدۇ) قانداق فورماتلايمىز؟ ئىككى خىل ئۇسۇل بار 1.يومشاق فورماتلاش،بۇ ئۇسۇل يانفون مەخپى نومۇرىنى بىلىدىغانلارغا ماس كىلىدۇ،ئەگەر يانفون مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسىڭىز 2-خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىڭ،ياكى يانفون مەخپىي نومۇرىنى تېپىش دېتاللىرى ئارقىلىق شىفىرنى تېپىپ ئاندىن فورماتلاڭ فورماتلاش ئۇسۇلى:يانفوننىڭ ئىكرانىغا قايتىپ #7370#*نى باسىمىز،ئاندىن شىفىرنى كىرگۈزىدىغان كاتەكچە ئېچىلىدۇ(شىفىرنى ئۆزگەرتىپ باقمىغان بولسىڭىز،12345نى كىرگۈزۈڭ،بۇ زاۋۇتتىن چىققاندىكى شىفىرى)شىفىرنى كىرگۈزسەكلا بولدى،يانفون بىر قىتىم قايتا قوزغۇلۇپ ئېچىلغاندا فورماتلىنىپ بولغان بولىدۇ دىققەت:فورماتلىغاندا يانفونىڭىزدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋىلىڭ،چۈنكى فورماتلانغاندىن كىيىن يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىۋىتىلىدۇ 2.قاتتىق فورماتلاش بۇخىل ئۇسۇل 1-خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ فورماتلىيالمىغان دوسلار ئۈچۈن مۇۋاپىق كىلىدۇ،بۇ ئۇسۇلدا مەخپىي نومۇرىنى بىلىش ھاجەتسىز فورماتلاش ئۇسۇلى:يانفوننى ئۆچۈرىمىز .ئاندىن * كونۇپكىسى 3كونۇپكىسى تېلفون ئۇرۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ يانفوننى قوزغۇتىمىز تاكى ئېكراندا Formatting.....دىگەن ئۇچۇر كۆرۈگۈچە بۇ ئۈچ كۆنۇپكىنىڭ ھىچقايسىسىنى قويۇۋەتمەيمىز،ئىكران پۈتۈنلەي توشقاندىن كىيىن ئىش پۈتىدۇ،يانفونىڭىز قايتا قوزغۇلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن فورماتلىنىپ بولغان بولىدۇ دىققەت:فورماتلىغاندا يانفونىڭىزدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋىلىڭ،چۈنكى فورماتلانغاندىن كىيىن يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىۋىتىلىدۇ فورماتلىغاندا يانفوننىڭ سىغىم كارتىسىنى ئېلىۋىتىشنىڭ ئورنى يوق،چۈنكى فورماتلاش پەقەت يانفوننىڭ سىستىمىسىنىلا ئەسلىگە كالتۈرىدۇ،سىغىم كارتىسىغا نىسبەتەن ھىچقانداق تەسىرى يوق فورماتلاشنىڭ يانفونغا خەتىرى بارمۇ؟ فورماتلاش ئادەتتىكى ئۆچۈرۈپ چاپلاش مەشغۇلاتى بولۇپ يانفونغا ھىچقانداق خەتىرى ۋە ئەكىس تەسىرى يوق فورماتلاشقا توغرا كەلگەندە بۇزۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق،خاتىرجەم فورماتلاۋېرىڭ فورماتلىغاندا زاپاسلىۋالىدىغان ئۇچۇرلارنى قانداق زاپاسلايمىز؟ فورماتلاشتىن بۇرۇن ئادەتتە بىزگە تېلفون دەپتىرى،يانفون 功能表نىڭ تەرتىۋى،قىسقا ئۇرچۇر قاتارلىقلار بىرقەدەر مۇھىم بۇلارنى زاپاسلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق بۇ يەرگە كىرىپ دېتلنى چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلايسىز،ئاندىن دېتالنى قوزغۇتۇپ 备份所有名片نى بىسىپ بارلىق تېلفون دەپتىرىنى زاپاسلايسىز فورماتلاپ بولغاندىن كىيىن يەنە بۇ دېتالنى قوزغۇتۇپ 还原所有名片نى باسسىڭىزلا بولدى قىسقا ئۇچۇرنى زاپاسلش c:sysytemmailمۇندەرىجىسىنى يانفوننىڭ سىغىم كارتىسىنى گالىغان يېرىگە كۆچۈرىۋالىمىز،فورماتلاپ بولغاندىن كىيىن ئەسلى ئورنىغا چاپلاپ قويساقلا بولدى رەسىملەرنى زاپاسلاش c: okiaimagesمۇندەرىجىسىنى سىغىم كارتىسىنىڭ خالىغان يېرىگە كۆچۈرىۋىلىپ فورماتلاپ بولغاندىن كىيىن جايىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا بولدى ئۇنىڭدىن باشقا c: okiasoundsمۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدە مۇزىكا بولىدۇ,بۇنىمۇ كۆچۈرىۋىلىپ فورماتلاپ بولغاندىن كىيىن جايىغا ئەكىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ يانفوندىكى C D E Zدىگەنلەر نىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ Cدىسكا:يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ سىغىمى Dدىسكا يانفوننىڭ ۋاقىتلىق ھۆججەت دېسكىسى،تورغا چىقىش خاتىرىسى قاتارلىق ۋاقىتلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ يەردە ساقلىنىدۇ Eدىسكا يانفوننىڭ سىغىم كارتىسىغا ۋەكىللىپ قىلىدۇ Zدىسكا يانفوننىڭ سىستىما دىكىسى بولۇپ،ROMھالەتتە بولۇپ ئىچىدىكى ھۆججگتلەرنى تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ نىمە ئۈچۈن يانفوندا تورغا چىقىش ۋە رەڭلىڭ ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ؟ تورغا چىقىش رەڭلىك ئۇچۇر قوبۇللاش ئۈچۈن چوقۇم يانفوننىڭGPRSئىقتىدارى ئوچۇق بولىشى ھەم تورغا ئۇلىنىش تەڭشىگى توغرا بولىشى كېرەك تورغا ئۇلىنىش تەڭشىگىنى مۇنداق تەڭشەيمىز تورغا چىقىش تەڭشىگى 设置 — 连接设置 — 接入点 — 选项 — 新增接入点 — 使用默认连接 بۇ تەڭشەكنى ئاچىمىز ئاندىن بۇنداق تولدۇرىمىز 2. ئاندىن 选项دىن 高级设置نى ئېچىڭ،ۋە تۆۋەندىكىدەك | 手 机 IP 地 址 | 自 动 | | 代 理 服 务 器 地 址 | 10.0.0.172 | | 端 口 | 80 | تولدۇرۇڭ باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى 0 قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى ئەمدى رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشىگى 设置 — 连接设置 — 接入点 — 选项 — 新增接入点 — 使用默认连接 بۇ تەڭشەكنى ئاچىمىز . ئاندىن 选项دىن 高级设置نى ئېچىڭ،ۋە تۆۋەندىكىدەك | 手 机 IP 地 址 | 自 动 | | 代 理 服 务 器 地 址 | 10.0.0.172 | | 端 口 | 80 | |