| باش بەت—بىلىم - خەزىنە—ئىنگلىز تىلى |
ئىنگلىزتىلىنىڭ ئاسان يولى قەيەردە؟ |
| يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : پەخرىم تورى | يوللىغان ۋاقتى : 2009-08-11 00:57:00 | كۆرۇلىشى :690 |
ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمۈت ئېزدەش ئاپتۇرى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتى چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىدىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەت مۇئەللىم بۇنىڭدىن 10يىل بۇرۇن يۈمىڭخۇڭ دېسە، پۈتۈن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىچىدە ئۇنى تونۇيدىغانلار پەقەت بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئىدى.ئون يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا، پۈتۈن جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىچىدە بىر يۈمىڭخۇڭنى ۋە ئۇنىڭ نامىغا چىڭ باغلانغان ‹‹يېڭى شەرق ›› نى بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئون يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى ، يۈمىڭخۇڭمۇ ئەينى دەۋىردىكى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچىدىن ‹‹يىڭى شەرق›› نىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى››دا ‹‹ جۇڭگۇدىكى 10 مۇنەۋەر شەخىسنىڭ بىرى›› ، ‹‹جۇڭگۇ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىدا ‹‹ جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى 100مۇنەۋەر زاتنىڭ بىرى›› ، ‹‹ئۈچ ئىتتىپاق ھەپتىلىك ژۇرنىلى››دا ‹‹21-ئەسىردە جۇڭگۇ جەمئىيتىگە تەسىركۆرسەتكەن 25 مۇنەۋەر زاتنىڭ بىرى››، ‹‹ جۇڭگۇ ئىقتىساد گېزىتى››دە ‹‹ 21-ئەسىردىكى كەم بولسا بولمايدىغان10مۇنەۋەر كارخانىچىلارنىڭ بىرى››قاتارلىق ئۇلۇغ شان- شەرەپلەرگە ئىگە بولغان شەخىسكە ئايلاندى. يۈمىڭخۇڭ ھەرقېتىم نۇتۇق سۆزلىگىنىدە، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىش، ئۇقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىش ۋە خىزمەتتىن چېكىنىش جەريانىدىكى ‹‹ ئازاپلىرى›› نى تىلغا ئالغىنىدا ،ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسياتىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ. يۈمىڭخۇڭنىڭ ئەسلى يۇرتى جىياڭسۇنىڭ بىر نامرات يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل قايتا- قايتا ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى 1980-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندۇ.ئۇ ئۆزى ھەققىدە توختالغىنىدا: ‹‹بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغىنىم ئەسلىدە مىنىڭ ئامىتىمنىڭ كىلىپ قالغانلىقى . مەن ئەسلىدە جىياڭسۇ نىڭ يەرلىك پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى نىشان قىلغان ئىدىم، لىكىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردىكى نەتىجەم خىلى ياخشى بولغاچقا، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللاشقا جۈرئەت قىلالىغان ئىدىم .تەلىيىم كىلىپ بۇ مەكتەپكىمۇ قوبۇ ل قىلىندىم.›› دەيدۇ- ‹‹مەن بىر نامىرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان ئادەتتىكى ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە دىھقان بالىسى بولغىنىم ئۈچۈن، ئالى مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا دائىم ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ‹‹ئەليۇل ئەل››لاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئاقىللار ئارىسىدا، ھەرۋاقىت نومۇس ۋە ئېغىرچىلىقلارغا قالاتتىم. ئۆز- ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ تەكرار ۋە تەكرار يىغلايىتتىم. ئامال بار ئالى مەكتەپنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىنى ، ئادەمسىز كوچىلىرىنى ئىزدەيتتىم. ئىشقىلىپ بۇ ئۇنۋېرسىتېت مىنى تۇغۇلغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلغۇزۇپ، ئۆز -ئۆزۈم ھەققىدە ئويلۇنۇشقا مەجبۇر قىلدى.قىسقىسى ئالى مەكتەپ مىنى بالىلار يىغىلىشلىرىدىن ئايرىپ، يۈرىكىمدە ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇرۇپ قويغان ئىدى››.بولۇپمۇ بىركۈنى ياتاقتىدىكى سەككىز يالىڭاچ قۇچقاش بالىلىرىنىڭ قىزلار تېمىسىدىكى مۇلاھىزىسىدە ‹‹ قىزلارغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ پىتىنالمايدىغان ئەركەك›› مىدالىغا ئېرىشىتىم ئۇ ماڭاباشقىلاربىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى ، باشقىلارنىڭ گېپىنى قانداق تىڭشاشنى ۋە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگەتتى.ئەشۇ ئازاپلىق چېنىقىشلار جەريانىدا سەھرالىق بىر پادىچى نەچچە ئونلىغان سەركىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ چاپىدىغان تۇلپارغا ئايلاندىم. ئۇ دائىم ئۆزىگە شۇنداق دەپ تەسەللى بىرەتتى: سەن يەردىكى بىرتال چۆپ ۋاقتىڭدا يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ سىنى كۆرىشىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ. ھەتتا يېنىڭدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ دەسسەپ چەيلىشى ، ئاياق- ئاستى قىلىشىغىمۇ چىدىماي ئامالىڭ يوق. لېكىن سەن ئۆسۈپ چوڭ بىر تۈپ دەرەخكە ئايلانغىنىڭدا ،سەن قانچە يىراقتا بولساڭمۇ ئادەملەر ساڭا تىكىلىدۇ، ساڭا ھەۋەس قىلىشىدۇ. سىنىڭ سايىلىرىڭغا ئىنتىلىپ سەندىن پاناھلىق تىلەيدۇ. تولۇق كۇرىسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،يۈمىڭخۇڭ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا قىلىپ ‹‹ ئالى مەكتەپ ئىنگلىزتىلى زۆرۈر ئوقۇشلۇقى›› ، ‹‹ ئالى مەكتەپ كېڭەيتىلمە ئوقۇشلۇقى›› قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋە بىرتەرەپتىن دەرس ئۆتسە يەنە بىرتەرەپتىن سۆز يادىلاپ ئىنگىلىزتىلى ئىقتىدارىنى ئومومىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىدۇ.80- يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ بىشىدىكى چەتكە چىقىش دولقۇنىدا ،ئۇنىڭ تەڭتۈش خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەتكە چىقىپ پەقە ت يۈمىڭخۇڭلا بىتەلەي بولۇپ قىپقالىدۇ.بولۇپمۇ 1991-يىلى مەكتەپتىكى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتىن سىرت يەنە ‹‹مەكتەپ سىرتىدا يېڭى شەرق›› تەربىيلەش پائالىيتى جەريانىدا يۈزبەرگەن بىرقىسىم كىلىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن ئۇ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ 1991- يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن ئېستىپا بەرگەن يۈمىڭخۇڭ ئۆزىنىڭ ‹‹ يېڭى شەرق›› دىن ئىبارەت كۆچىتىنى تىكىپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق خەلىق مائارىپى سىپىگە كىرىپ كىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىگىلىىكنى قوغداشقىچە بۇنىڭدىن 20 يىل مۇقەددەم يۈمىڭخۇڭنىڭ غايىسى بولسا- ئۆز يۇرتى جىياڭسۇ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئېمتىھان بىرىپ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،يىزىغا قايتىپ،دىھقانلار ئارىسىغا مائارىپ ئۇرۇقىنى چىچىش ئىدى.1978-يىلى ئەمدىلا 16ياشقا كىرىپ،تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يۈمىڭخۇڭ مال بېقىپ، يەر تىرىغاچ.كەچلىرى جىنچىراغ ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئاددىيغىنا غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.1979-يلى يۈمىڭخۇڭ يىغقان ئازغىنە پۇلىنى سەرپ قىلىپ، ناھىيەدە ئىچىلغان بىر كىچىك چەتئەل تىلى تەكرار سىنىپىغا قاتناشتى.بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشى ئىدى.30كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇ كىچىك سىنىپ ئۇنىڭغا گويا جەننەتتەك بىلىنگەن ئىدى.ئۆزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە،ئىككىنچى يىلى باھاردا ،نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى نەچچىنچى قاتارغا ئۆتكەن يۈمىڭخۇڭ ئاندىن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىدى.شۇنداق قىلىپ،1980-يىلى بۇ سەھرا بالىسى كاللىسىدىكى جىياڭسۇ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئاستا-ئاستا غايىپ بولۇپ،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ غەرب تىللىرى فاكۇلتېتى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.مۇشۇ يىلى يازدا،ئۇدا 3يىل ئېمتىھان بەرگەن يۈمىڭخۇڭنىڭ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.ئەمما ئۇ ئۇندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىش كىرەكلىكىنى بىلمەيتتى.ئۇ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېىتىدىكى يىزىدىن كەلگەن 3 نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ بىرى ئىدى.ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇ ئۆپكەتۇبىركليۇزى بىلەن دوختۇرخانىدا بىر مەۋسۈم يېتىپ قالدى.ئۇ بۇ جەرياندا 600دىن ئارتۇق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ چىقتى.كېيىنكى بىر مەۋسۈم ئۆيىدە داۋالىنىشقا قايتۇرۇلغان يۇمىڭخۇڭ بىر تەرەپتىن تاغقا چىقىپ ئوتۇن كېسىپ، ئائىلىسىگە ياردەملەشسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى.1985-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپكە ئىلىپ قىلىندى.كېيىنكى ئىككى يىلدا ،ئۇ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈردى.ئەتراپتىكى دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئالدىراش چەتئەلگە چىقىش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا،ئۇ ئاندىن سىناپ بىقىشىم كىرەكمۇقانداق دېگەن ئويغا كەلدى.ئۇئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئاددىيغىنە بىر ھىسابلاش ئىلىپ بىرىپ،ئەگەر مۇشۇ بويىچە يەنە بەش يىل ئىشلىسەم ئاندىن كېيىن بىر يۈرۈش ئۆيگە ئىرىشەلىشىم مۇمكىن،يىلىغا 30-40تىن ئادەم تەربىيەلەپ،30يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام،ئاندىن ئاران 3000نەپەرچە ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقالايدىكەنمەن.بۇنىڭ ئادەمنى جەلپ قىلغۇدەك نېمىسى بار؟چەتئە لگە چىقىشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلغىلى بولسۇن؟شۇنداق قىلىپ ئۇ سىرتتىكى بىر خەلق مەكتىپىدىن بىر سىنىپ تىپىپىپ،ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىش تەييالىق ھۇجۇمىنى باشلىۋەتتى.شۇنداق قىلىپ 1991-يىلى ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستپا بىرىپ،تىپتىنچ تۇرمۇش رېتىمدىن خوشلاشتى.بۇ ۋاقىتتا ئۇ 29 ياشقا كىرگەن ئىدى.بۇ چاغدىكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئازراق ئوقۇش پۇلى تىپىپ،ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىغا ئوخشاش ئامېرىكىغا چىىقىپ ئوقۇش ئىدى.ئۇنىڭ يىغقان پۇلى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.ئەشۇ زېمىستان قىشتا يەرلىك ساقچىخانىنىڭ ۋە خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان يۈمىڭخۇڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان خەلق مەكتىپىدىكى خزمەتداشلىرىغا ‹‹مەن بىر ياش،ئۆز غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،مەن ئۆز مەكتىپىمنى قۇرۇپ چىقىشىم كىرەك›› دېگىنىچە بۇ مەكتەپتىن 10كۋادىرات مىتىر كىلىدىغان سىنىپتىن بىرنى ئىجارىگە ئىلىپ،‹‹يېڭى شەرق مەكتىپى›› ئىگىلىكىنى باشلىۋەتتى. نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىرقېتىملىق ‹‹ يېڭى شەرق مەكتىپى›› يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، يۈمىڭخۇڭ قىلچىمۇ مۇبالىغىچە قىلماستىن ياكى مەغرۇرلانماستىن ئۆزىنىڭ ‹‹ يېڭى شەرق›› نى قۇرۇش جەريانىدىكى كەچۈرمۈشلىرىنى سۆزلەۋىتىپ : ‹‹ يېڭى شەرق›› نى قۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمۈت ئىزدەش، ئۈمۈتتىن بىنا قۇرۇش جەريانى ئىدى. يەنى مەكتەپ يېڭى قۇرۇلغىنىدا 10 كۋادىرات مىتىرلىق بىر كىچىك سىنىپى بار بولسا ،مانا ئەمدى نەچچە ئون مىڭ كۋادىرات مىتىرلىق سىنىپ ۋە ئىشخانا بىناسى بار مەكتەپكە ئايلاندى›› دەيدۇ. 1993-يىلى قىش ‹‹يېڭى شەرق›› يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە، يۈمىڭخۇڭ بىر شىلىم چىلىكىنى كۆتەرگەن ھالدا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىمۇ كوچا ئىلان چاپلاشقا باشلىغان. چىلەكتىكى شىلىم قەغەزگە سۈركەلمەي تۇرۇپلا توڭلاپ قېتىپ قىلىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغان بولسا، 1994- يىلى ‹‹ يېڭى شەرق›› ئازراق تەرەققىي قىلغاندا بولسا ،ئىلانلار بىرتەرەپتىن چاپلىنىپ بولىشىغا يەنە بىرتەرەپتىن كىملەر تەرىپىدىندۇر تىغ بىلەن قىرىپ چىقىرلىۋىتىلەتتى.ھەتتا ‹‹يېڭى شەرق›› نىڭ تەشۋىقاتچىلىرى بىر نەچچە قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىدار قىلىنىپ دوختۇرخانىغىمۇ كىرىپ قالدى . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ناچار رىقابەت شەكلى ئۇنى قەدەمدە بىرقېتىم موللاق ئاتقۇزۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ھەقىقىي بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ، ھەقىقىي بىر ئارزو ئىگىسى بۇنداق تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالمايتتى.شۇڭا ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ نەتىجىسىنى چىقارغاندا، ھەرقانداق قېيىنچىلىققا يولۇققاندا، بۇ قېيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولمايدۇ دەپ قارىماستىن ئەكىسىچە دۇنيادا يەڭگىلى بولمايدىغان قېيىنچىلىق يوق دەپ قارىغاندىلا ئاندىن ھەرقانداق قېيىنچىلىقنى بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ.مانا بۇ دەل ‹‹يېڭى شەرق›› مەكتىپىنى قۇرۇش تەجرىبە -ساۋاقلىرى ئىچىدىكى ‹‹ ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمۈت ئىزدەش ›› پرىنسىپى ئىدى.1994-يىلى ئاخىرى يۈمىڭخۇڭ 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغى بىلەن چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولدى . لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆزئالدىدا تېخىمۇ چوڭ بىر مائارىپ بازىرى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى.يېتىلگەن ‹‹ يېڭى شەرق›› ئۈمۈتكە تولغان نەچچە مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى يۈمىڭخۇڭنى كۈتۈپ تۇراتتى. غايە بىلەن مەسئۇلىيەت، ئىرىشىش بىلەن بەدەل ئۇنى يەنە بىرقېتىم قىيناشقا، ئاچچىق كۆزياشلىرىنى تۆكۈشكە مەجبۇر قىلدى.‹‹ ياق›› دېدى ئۇ ئايرۇدۇرۇمدا قولىدىكى ئايرۇپىلان بىلىتىنى چىڭ قاماللاپ تۇرۇپ ‹‹-مەن يالغۇز بىر ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولۇشقا ئەمەس بەلكى ھەقىقى بىر مائارىپچى بولۇشقا يارىتىلغان، مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى مۇشۇ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىگە، ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان ‹‹ يېڭى شەرق››نىڭ كەلگۈسىگە تېگىشەلەيمەن ››دەپ پېچىرلىغىنىچە دەرھال مەكتەپكە قايتىپ ئوقوتۇش ۋە مەكتەپنى كېڭەيتىش ئىشىنى باشلىۋەتتى.1994- يىلى يۈمىڭخۇڭ ئۆزى يالغۇز سەددىچىن سىپىلىگە يامىشىپ چىقىپ، ھېچقانداق سەۋەپسىزلا ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇدا ئىككى سائەت توختىماي يىغلىدى. يالغۇزلۇق، جاپا-مۇشەققەت، ۋە ھېرىپ -چارچاش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۋەتكەن ئىدى.يېقىندا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ساۋاقداشلىرى ، دوستلىرى ھەتتا ئۇ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ ‹‹ بىرتىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپسەنغۇ!›› دېيىشىۋاتاتتى. ئاخىرى 1994- يىلى كۈزدە ئۇ ئەمدىلا ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كانادا ، فىرانسىيەدىكى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقان دوستى –دۇزىخۇا بىلەن ئۇچراشتى . بۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى ئۇلۇغ مائارىپچىنىڭ ئۇچىرىشىشى ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ‹‹يېڭى شەرق››نىڭ يېڭى ئىستىقبالى ئېچىلدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەت سىرتىدىكى مائارىپچى ئۇستازلار، چەتئەل تىلى مۇتەخەسسىسلىرى ئارقا –ئارقىدىن‹‹ يېڭى شەرق››قە تەكلىپ قىلىندى. يۈمىڭخۇڭ ئۆزى مەخسۇس چەتئەللەرگە بىرىپ ئۆگەندى، تەتقىق قىلدى ۋە تەكلىپ قىلدى.1995- يىلى يەنە بىرقېتىم شىمالى ئامېرىكىغا سەپەر قىلغان يۈمىڭخۇڭ مەخسۇس ‹‹ GRE ›› ‹‹ TOEFL ›› ‹‹ GMAT ›› سۇئاللرى ۋە تېخنىكلىق مەسىلىلەردە يېڭىلىقلارنى ئىلىپ كىردى.بولۇپمۇ شىمالى ئامېرىكا تىل -تەتقىقات ئىشخانىسدا كىچە- كۈندۈز تىرىشىۋاتقان يۈشىياۋ پىڭ ، ۋاڭ چىياڭ لار ‹‹ يېڭى شەرق سەھنىسى ››دە پەيدا بولدى.1997- يىلى ئۇنىڭ يەنە بىر ساۋاقدىشى باۋ فەن كانادا دىكى ئوقۇتۇشنى تاماملاپ ‹‹يېڭى شەرق›› مۇنبىرىگە قەدەم باستى. ئارقا -ئارقىدىن خەلقئارالىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ يىغىلىشى ، يۈمىڭخۇڭنىڭ تىرىشچانلىغى نەتىجىسىدە‹‹ ئامېرىكا ئالىي مائارىپى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ›› دەيدىغان بىرتۈركۈم ئەزىمەتلەر باتۇرلۇق بىلەن ئىمتىھانغا قارشى جەڭ ئىلان قىلىپ، GRE دىن 2000دىن ئاشۇرۋىتىش، TOEFLدىن600دىن GMAT ، لاردىن ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرى ئارقا -ئارقىدىن تاپشۇرۇلدى ۋە بۇ پىلانلار ئرۇندىلىنىشقا باشلىدى.مانا بۇ كىشىلىك روھنىڭ ئويغىنىشى ،‹‹يېڭى شەرق›› روھىنىڭ ئويغىنىشى جۈملىدىن جۇڭگۇ روھىنىڭ ئويغىنىشى ئىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا زېمىنىدا ‹‹يېڭى شەرق›› ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن زېمىن قالمدى.جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرى بويسۇندۇرالمىغان ئېمتىھان قالمىدى. مانا بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى يۈمىڭخۇڭنىڭ قان- ياشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.شۇنداق قىلىپ 1999-يىلى كونا ئۈسلۇبنى ئۈزۈل -كېسىل بەربات قىلغان يۈمىڭخۇڭ ۋە ‹‹يېڭى شەرق›› بېيجىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىلىم -پەن مەركىزى بولغان جوڭگۈەنسۈندە ‹‹يېڭى شەرق›› ئوقۇتۇش بىناسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە ‹‹يۈمىڭخۇڭ، ۋاڭ چىياڭ، يۈ شىياۋ پىڭ،دۇزىخۇا، ۋە باۋ فەن›› دىن ئىبارەت 5نەپەر ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مائارىپچى ياشتىن تەركىب تاپقان ‹‹مائارىپ گورۇھى›› نى شەكىللەندۇرۇپ، جۇڭگۇ ئالى مائارىپىدىن ھالقىشتىن سىرت يەنە ئامېرىكا مائارىپى ۋە روھىغا ھۇجۇم قىلىپ ‹‹ئامېرىكا ھەمكارلىق پەلسەپىسى››، ‹‹ ئامېرىكا ئىنگلىزتىلى تەپەككۇرى››قاتارلىق پەنلەرنى تەسسىس قىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ‹‹ GREسۆزلۈكجەۋھىرى›› ناملىق كىتابى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ‹‹ قىزىل مەرۋايىت نامە›› دەپ ئاتالدى.ۋە بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭ ، شاڭخەي، نەنجىڭ ، شىئەن ، چاڭچۈن قاتارلىق 16شەھەردە ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ ‹‹يېڭى شەرق›› ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار روھىنىڭ گۇۋاھچىسى بولمىش ‹‹يېڭى شەرق روھى›› ناملىق مەخسۇس ئەسەر ۋە ‹‹يېڭى شەرق ژۇرنىلى›› نى نەشىر قىلغۇزۇپ، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقات بىرلەشكەن مائارىپ گورۇھىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىلىيۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە سەپەر قىلىشىدىكى ‹‹بىرىنچى بىكەت››لىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. گەرچە كىشىلەر ھازىر ‹‹ئەسەبىي ئىنگلىزتىلى ›› ئىجادچىسى لىياڭ ۋە ئۇنىڭ ‹‹يېڭى دۆلەت پۇخرالىرى›› مەكتىپىنى يۈمىڭخۇڭنىڭ ‹‹ يېڭى شەرق مەكتىپى ›› بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،بۇلار ۋەكىللىك قىلغان جۇڭگۇ يېڭى دەۋر ئويغۇنۇش ھەركىتىنى ئېمتىھان تخنىكا مائارىپى ۋە ئېغىزتىلى ئىنقىلابىدىن ئىبارەت ئىككى كاتىگۇرىيەگە ئايرىسىمۇ، جۇڭگۇ مائارىپىدىكى بۇ ‹‹ئىككى ئەجدىرھا›› بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇنى مەركەز قىلغان ئىككى مەدەنيى ئىقتىسادى بازىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىنى ئۆستۈرۈش ،جۇڭخۇا نىڭ يىڭى كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلماقتا ۋە داۋاملىق ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە تىنەپ يۈرگەن جۇڭگۇ لۇقلارنى ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمۈت ئىزدەش روھى بىلەن تەربىيەلىمەكتە. |
|
پەخرىم ھەققىدە | قوللىغۇچىلار | ۋاكالەتچىمىز | قۇرغۇچىلار | مۇلازىمەتلىرىمىز | نەتىجىلىرىمىز | بانكا ھېساباتى | بىلەت تاشلاش | پىكىر بىرىڭ
|