پەخرىم تورى مۇلازىمەتلىرى: ھۆكۈمەت، كان-كارخانا،شىركەت ۋە شەخسلەرگە كۆپ تىللىق تور بېكەت ياساش، يۇمشاق دېتال تۈزۈش، تور مۇلازىمېتىر قۇرۈش، ئاسىراش، باشقۇرۇش،ئىلان لايىھىلەش، تورخانا تېخنىكىلىق ئىشلىرى قاتارلىقلار...
رەڭ ئالماشتۇرۇش 
تىل ، ئۆرۈپ - ئادەت ، مەدەنىيەت باش بەتبىلىم - خەزىنەتىل ، ئۆرۈپ - ئادەت ، مەدەنىيەت

يەرشارىدىكى 20 خىل كىلون ھايۋان

يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : www.pahrim.com | يوللىغان ۋاقتى : 2010-11-08 20:18:14 | كۆرۇلىشى :740

يەرشارىدىكى 20 خىل كىلون ھايۋان

 

 

   2000–يىلى ، تەجرىبىخانىدا تۇنجى قېتىم تېرا ئىسىملىك بىر ماكاكا مايمۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاندى . كېيىن ئالىملار ئارقا–ئارقىدىن نۇرغۇنلىغان مايمۇنلارنى كىلونلاپ چىققان بولۇپ ، ئۇلار تەتقىقات خادىملىرىنىڭ دىيابىت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى سىناق قىلىشىغا ئىشلىتىلدى.

 
 

 

كىلون چوشقا

   ئامېرىكا تەجرىبىخانىسى گېنى ياخشىلانغان چوشقا كىرگۈزۈپ ، بۇ چوشقىلاردا ئىنسانلارغا ماس كېلىدىغان ئەزا ۋە ھۈجەيرە توقۇلمىسى ئۆسىدىغان قىلغان . بۇ قېتىم جەمئىي بەش چىشى چوشقا كىلونلانغان بولۇپ ، ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى مېلى ، ئۇلارنى 2000–يىلى ئامېرىكىدىكى بىر بىيولوگىيە شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلىغان .

كارپ بېلىقى

   1963–يىلى، بىر ئاسىيا كارپ بېلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان ؛ 10 يىلدىن كېيىن ، ئالىم تۇڭ دېجۇ يەنە بىر ياۋروپا كارپ بېلىقىنى كىلونلىغان.

دولى قويى

 

    1996–يىلى ، دولى ئىسىملىك بىر قوي مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلىنىپ دۇنياغا كەلگەن . بۇ چىشى قوي ئالتە يىل ياشىغان. بۇ ، دۇنيادىكى تۇنجى كىلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ كىلون تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ قارالغان ، كېيىن دولىغا ئوخشايدىغان يۈزدىن ئارتۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان كىلونلانغان.

 

چاشقان كۇمۇلىنا

 

   2000–يىلى ، ئالىملار ئامېرىكا ھاۋايدا بىر چاشقاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلىغان ، بۇ چاشقانغا كۇمۇلىنا دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ ، ئۇ ئىككى يىل يەتتە ئاي ياشىغان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كىلون تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بىر تۈرلۈك زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن.

 

ئىنەك نوتو ۋە كاگا

   بۇ موزايلار 1998–يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان بولۇپ ، ئارقىدىن نەچچە مىڭلىغان ئىنەكلەر كىلونلانغان . بۇ ياپونىيە كىلون تېخنىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە بولۇپ ، بۇ تۈر تېخنىكىسىمۇ باشقا كىلون تېخنىكىلىرىغا ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى گۆش ۋە سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا زور تۆھپە قوشقان.

 

ئۆچكە مىرا

   1998–يىلى كىلونلانغان بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئاچا–سىڭىل›› لىرى ئامېرىكا تەجرىبىخانىسىدا كىلونلانغان، ئالىملار ئۆي ھايۋانلىرىنى كىلونلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق دورىلىق تەركىبلەرنى ئىشلەپچىقارغان .

ياۋروپا ئارقارى ئومبرېتا

   2000–يىلى ئومبرېتا ئىسىملىك بىر ياۋروپا ئارقارى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان ، ئالىملارنىڭ بۇنداق قىلىشى نۆۋەتتە دۇنيادىكى سانى ئىنتايىن ئاز بولغان ياۋروپا ئارقارىنى قۇتقۇزۇپ ، ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

ياۋا كالا نويا

   2001–يىلى ، نويا ئىسىملىك بىر ئاسىيا ياۋا كالىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان ، ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا ياۋا كالىسىنىڭ سانى كەسكىن ئازلاپ كەتكەن . تولغاق سەۋەبىدىن نويا ئارانلا ئىككى كۈن ياشىيالىغان.

كىلون توشقان

   2001–يىلى ، ئالىملار توشقاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلىغان ، سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنىدەك ، ئۇلار كىلونلىغان توشقان ئاپئاق بولۇپ ، كېيىن ئالىملار ئارقا–ئارقىدىن 30 نەچچە توشقاننى كىلونلىغان.

كىلون مۈشۈك كېب

   كېب ئىسىملىك بۇ مۈشۈك 2001–يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلاش بازىرى ئېچىلغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئەرمەك ھايۋانلارنى كىلونلايدىغان خەلقئارالىق كەسپ شەكىللەنگەن.

 

چاشقان رافور

 

   2002–يىلى ، رافور ئىسىملىك چوڭ چاشقان 15 قېتىم كىلونلاش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلانغان . گەرچە لافورغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ چاشقانلار تەجرىبىخانا تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن چوڭ چاشقاننى كىلونلاش تېخنىكىسى تەسرەك ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەمدە چوڭ چاشقاننىڭ كىلونلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.


ماكاكا مايمۇنى تېرا
ئالدىنقى مەزمۇن:مەشھۇر مائارىپچى ئابدۇقادىر داموللام
كىيىنكى مەزمۇن: ئەڭ ئېسل ئالەم بوشلىقى سۈرەتلىرى
ئىزدەش
ئالقىشلىش مەزمۇن
يىڭى مەزمۇن
بازارلىق مەھسۇلات
سىز قايسى سەھىپىدىن رازى؟