| باش بەت—بىلىم - خەزىنە—نادىر ماقالىلەر |
ئەرلەر ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىدىغان 3 خىل ئايال |
| يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : پەخرىم تورى | يوللىغان ۋاقتى : 2010-08-03 03:02:50 | كۆرۇلىشى :2928 |
بەزى ئەرلەر << بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈش ناھايىتى ئاددى ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتمەك تولىمۇ مۈشكۈل >> دېيىشىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ يېڭىنى ياخشى كۆرۈپ ، كونىنى تاشلايدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس . ئەمما ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاياللارمۇ خېلى كۆپ . كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۈچ خىل ئايال ئەڭ ئاسان ئەرلەرنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئېرىشەلەيدۇ ، ئەمما ئەڭ ئارخىرىدا تاشلىۋىتىلىدۇ . بىرىنچى خىلدىكىسى ، قەلبىدە باشقىلارنى بىردىنبىر دەپ ھېسابلايدىغان ئاياللار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشى تەرەپنى سۆيۈش ئادەمنى بىچارىلەشتۈرۈپ قويسىمۇ ، ئەمما ئوغۇل دوسىتىڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي مۇكەممەللىك ھېسابلىنىدۇ . ئەمما ئادەمنىڭ كەينىدە يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ يۈرۈش، دوستلارغا تۆھمەت چاپلاش ، باشقىلاردىن ياخشىلىققا ئىرىشىشنى ئويلاش ، شەخسىيەتچىلىك قاينىمىغا كىرىپ قېلىش بىلەن ئوغۇل دوسىتىڭىزغا ياكى يولدىشىڭىزغا يۈزلەنگەن ۋاقتىڭىزدا ، تۇرمۇشىڭىزدا بەخت ھىدى بولمايدۇ . خۇددى ھېچنىمە يۈزبەرمىگەندەك كۆرنىدۇ . ئەمما تۆشۈك تۈنەكتە سۇ تۇرارمۇ ؟ بۇ ئىشىڭىز ئەرلەر تەرىپىدىن بايقىۋېلىنغاندىن كېيىن ، پەقەت سىزنى ساختا دەپ ھېس قىلىدۇ ، دە ، سىزدىن بىراقلا ئايرىلىپ كېتىدۇ . سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ ، كۆز ئالدىدىكى سىزنى ساختا دەپ ئويلاپ ، سىز بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ساختىلىققا تولغان دەپ ھېسابلايدۇ . ئىككىنچى خىلدىكىسى ، ئۆزىنى ئەخلاق - پەزىلەتلىك دەپ ھېسابلاپ ، ئۆزىنىڭكىنىلا يورغىلىتىدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشتىكى ئۆلچىمى ئەخلاق - پەزىلەتلىك ، شەرمىي - ھايالىق بولۇش . بۇنداق ئاياللار ئەرلەرگە مەڭگۈ ياخشى ھەمرا بولالايدۇ . ئەمما ئۇلار يەنىلا ھەدىسە ، ئۆزىنىڭكىنى راس دەۋەرسە ، ئوغۇل دوسىتىنىڭ ياكى يولدىشىنىڭ ئېغىزىنى غىرىچلاۋەرسە ، نېمە خىيالىغا كەلسە شۇنى قىلسا ، كۆز ئالدىدا ھېچكىم بولمىسا ، بۇ ئەرلەرنى ئاسان زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ . ئەرلەرگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى - ئاياللارنىڭ ئىچكىي دۇنياسى . ئەخلاق - پەزىلەتلىك بولۇش پەقەت ئوغۇل دوسىتى ياكى يولدىشىغىلا بولۇپ ، ئەتراپىدىكەلرگە نىسبەتەن ئۇنداق بولمىسا ، بۇنداق ئايال زاتىدىن ھەممە ئەرلەر يىرگىنىدۇ . ئەرلەرسىزنى مۇشۇ سەۋەپتىن تاشلۋەتسە ، سىزنىڭ ھەرقانداق باھەنە - سەۋەب كۆرسىتىشىڭىز ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ . ئۈچنچى خىلدىكىسى ، دائىم ئەركىلەپ ، نايناقشىپ ، قارشى تەرەپكە باغرى تاشلىق قىلىدىغان ئاياللار ئەرلەرگە يۈزلىنىشتە ، ھەممە ئايال نازلىنىپ ، ئەركىلەپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئوغول دوستى بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا زەھەرددەك ئاچچىق سۆلەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ زىتىغا تېگىدۇ . بۇنىڭغا ئەرلەر ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ . ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان ناھايتى تېزلا نەپرەتلىنىدۇ ، بۇنداق ئېغىر خورلۇقنى قۇبۇل قىلالماي ، بىراقلا ئايرىلىپ كېتىدۇ . ۋاڭيى تورى |
|
پەخرىم ھەققىدە | قوللىغۇچىلار | ۋاكالەتچىمىز | قۇرغۇچىلار | مۇلازىمەتلىرىمىز | نەتىجىلىرىمىز | بانكا ھېساباتى | بىلەت تاشلاش | پىكىر بىرىڭ
|