Baidu شىركىتى مۇستەقىل ۋىدېئو (视频) تور بېكىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، سېنارىيە تېكىستى (كىنودىكى مەلۇم دىئالوگ ياكى بايان) گە ئاساسەن كىنو (فىلىم) ئىزدەش ئىقتىدارى ھازىرلاپ بولۇندى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، بۇ تور بېكىتى 3-ئايدا ئىشقا كىرىشىدىغان بولۇپ، چۇڭچىڭدا ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرغان.
Baidu ۋىدېئو (视频) شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ خەيتاۋنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ ۋىدېئو (视频) تور بېكىتىنى Baidu شىركىتى بىلەن ئامېرىكا Providence شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، پاينى Baidu شىركىتى كونترول قىلىدىكەن، باش ئىش بېجىرگۈچى گوڭيۈ ئەپەندىنىڭمۇ پېيى بار ئىكەن.
ياڭ خەيتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر، سىز كىنو (فىلىم) نىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كىنو سېنارىيىسىدىكى مەلۇم سۆزنى كىرگۈزسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە لازىملىق كىنونى تاپالايسىز. دۆلەت ئىچىدىكى ئىزدەش تور بېكەتلىرىنىڭ سەركىسى Baidu نى تايانچ قىلغان بۇ ۋىدېئو (视频) تور بېكىتى كىنو (فىلىم) ئىزدەش جەھەتتە تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. قىسقىسى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋىدېئو (视频) تور بېكەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخى بۇ تېخنىكىلارنى ھازىرلىمىغان.
ياڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى بازىرىغا كېڭىيىش ئۈچۈن، Baidu شىركىتى چۇڭچىڭ، چېڭدۇ شەھەرلىرىدە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇپ، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق بىر نەچچە رايوندا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىمەكچى. شۇ ئارقىلىق، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالدىكى 10 ئۆلكە، شەھەرنى قاپلىماقچى.
چۇڭچىڭ سودا گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى
مۇخبىر: ئاۋ شياڭفېي ، پراكتىكانت مۇخبىر: ۋاڭ بېيبېي
تەرجىمان: قىسمەت