| باش بەت—كومپيۇتېر بىلىملىرى—IT ئۇچۇرلىرى |
دورا باشقۇرۇش سىستېمىسى |
| يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : www.pahrim.com | يوللىغان ۋاقتى : 2010-05-17 02:28:45 | كۆرۇلىشى :4349 |
پەخرىم دورا باشقۇرۇش سىستېمىسى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،دوختۇرخانا بولۇپمۇ شەخسى دورا دۇكان ئاچقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ كۈندىن كۈنگە كۈچەيدى.دورا دۇكانلىرىنىڭ دورا باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئاۋارىچىلىكى سودا ۋە ئىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاستىلاتتى. پەخرىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال تۈزۈش گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاۋارىچىلىكنى ئازايتىش ئۇچۇن ۋە دورا دۇكانلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن پەخرىم دورا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ بازارغا سالدى. بۇ دېتالىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: بۇ دېتالغا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان 3500 دىن ئارتۇق دورىنىڭ تىزىملىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلگەن،سىز بۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ يىڭىدىن كىرگۈزۈلگەن دورىلارنى تىزىملاش،ئامباردىكى دورىلارنى ستاتىستىكا قىلىش، ۋاقتى توشقان دورىلارنى قەرەردىن بۇرۇن ئەسكەرتىش،ئىمپورت قىلىنغان دورىلار،رېتسېپلىق ۋە رېتسېپسىز دورىلارنىڭ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش،دورا سېتىش،سېتىلغان دورىلارنىڭ ئۇچۇرىنى خۇلاسىلەش،ئېشىپ قالغان دورىلارنى ستاتىستىكا قىلىش،دائىملىق دوكلات ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېردا تەييارلاپ بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىداردىن باشقا دورا سېتىش كۆزنىكىدە سىز ھەرقانداق دورىنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ،دورا ئىسمىنى ياكى دورا ئىسمىنىڭ پىنيىن تەرتىپى بويىچە ئىزدەش،دورا قېتىش ۋە سېتىلغان دورىلارنىڭ تالوننى بېسىپ چىقىرىشىدىن باشقا سىستېما يېڭىلاش،تىزىملىتىش،پارول ئۆزگەرتىش،سىستېما ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ئۆز لايىھىسى بىلەن سىستېما ئۇچۇرنى تەڭشەپ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن.باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى رەسىملىك كۆرۈنۈشىدىن كۆرگەيسىلەر. بۇ دېتالنىڭ باھاسى 698 يۇەن،ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنىڭ لاھىيىسى بىلەن ئىقتىدار قاتماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ . |
|
پەخرىم ھەققىدە | قوللىغۇچىلار | ۋاكالەتچىمىز | قۇرغۇچىلار | مۇلازىمەتلىرىمىز | نەتىجىلىرىمىز | بانكا ھېساباتى | بىلەت تاشلاش | پىكىر بىرىڭ
|