پەخرىم تورى مۇلازىمەتلىرى: ھۆكۈمەت، كان-كارخانا،شىركەت ۋە شەخسلەرگە كۆپ تىللىق تور بېكەت ياساش، يۇمشاق دېتال تۈزۈش، تور مۇلازىمېتىر قۇرۈش، ئاسىراش، باشقۇرۇش،ئىلان لايىھىلەش، تورخانا تېخنىكىلىق ئىشلىرى قاتارلىقلار...
رەڭ ئالماشتۇرۇش 
سىستېما مەشغۇلات بىلىملىرى باش بەتكومپيۇتېر بىلىملىرى سىستېما مەشغۇلات بىلىملىرى

XPدا ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار

يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : نۇر تورى | يوللىغان ۋاقتى : 2012-01-05 21:13:54 | كۆرۇلىشى :271
1. مەۋھۇم ئوپتىك دىسكىدىن ھەزەر ئەيلەش.
ھازىرقى كۆپ قىسىم مەۋھۇم ئوپتىك دىسكىلار XPدا دېگەندەك مۇقىم ئىشلىمەيدىغان بولۇپ، ئاسانلا سىستېمىنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا باشقا پروگراممىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئالاھىدە بولغان مېخانىزمى ئارقىلىق مەنبە باشقۇرغۇچتا Windowsنى ئالداپ كېتەلەيدۇ، بۇنىڭدا Windows يېڭىدىن بىر فىزىكىلىق ئوپتىك دىسكا قوشۇلغان دەپ قارايدۇ. XPدا پەقەت قاتتىق دېتالنىڭ قوزغىلىش پروگراممىسىنى ئۆچۈرۈش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى لايىھىلەنگەن بولۇپ، قاتتىق دېتالنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق.
چۈنكى XPدا بولسا NTFS ھۆججەت شەكلى ۋە تور قىسمى ئالاھىدە ئەلالاشتۇرۇلغان، ھالبۇكى كۆپ قىسىم مەۋھۇم دىسكا قوراللىرى بولسا FAT32 مۇھىتىدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە XP بىلەن ئىنتايىن ياخشى ماسلىشالايدىغان مەۋھۇم دىسكا دېتاللىرى بىر قەدەر ئازدۇر. كۆپچىلىك راستتىنلا چوقۇم قاچىلىماقچى بولسا، بىر نەچچە قېتىملىق سىستېما قېتىۋېلىشنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق قايسى دېتالنىڭ بىر قەدەر مۇقىم ھالەتتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىپ ئاندىن قاچىلىسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدا سىستېمىنىڭ ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
سىز بىر قەدەر مۇقىم خىزمەت قىلىدىغان مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قورالىنى تاپقاندىمۇ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزغا تۆتتىن ئارتۇق مەۋھۇم دىسكا بەلگىلىسىڭىز، XPنىڭ نەشر ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قوزغىلىپ، سىزدىن XPنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى مىكرو سوفت سىزنى تۆت دانە قاتتىق دېتالنى ئالماشتۇردى، كومپيۇتېرنى پۈتۈنلەي يەڭگۈشلىگەنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن دەپ قارايدۇ، شۇڭا سىزنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قاچىلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر راستتىنلا مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، سىز كومپيۇتېرىڭىزغا كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 98كە مەۋھۇم ئوپتىك دىسكىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. قارىغاندا يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىلەر ھەم مۇقىم خىزمەت قىلالايدىغان، ھەم سىستېمىنى قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان يېڭى نەشر نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىققاندىلا، كۆپچىلىك ئاندىن مەۋھۇم ئوپتىك دىسكىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى مۇمكىن.
2. ئىناۋەتسىز چېسلادىن ھەزەر ئەيلەش.
 XPدا يەنە ئاكتىپلاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرلىكتە سەپلەنگەن چېسلا تەكشۈرۈش مېخانىزمى بار بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ CMOSنىڭ باتارېيىسى تۈگەپ كەتكەن بولسا، ياكى خاتا مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز ۋە ياكى چېسلاغا چەكلىمە قويىدىغان دېتاللارنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز سىستېمىڭىزنىڭ ۋاقتى 1999- يىلى دېگەن ئىناۋەتسىز چېسلاغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ(1999- يىلى XP تېخى ئېلان قىلىنمىغان)، بۇنداق بولغاندا XPگرافىكىلىق كۆزنەكنى ئاچقاندىن كېيىن، «ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن خەت چىققان يەردىلا سىستېمىنى قۇلۇپلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ئەسكەرتىش ياكى تاللاش تۈرلىرى بولمايدۇ، مائوسنى مىدىرلاتقىلى بولغاندىن باشقا، قالغان كۆرۈنۈشى سىستېما قېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئىناۋەتسىز چېسلانىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان بولسىڭىز، ھەرقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىزمۇ XPنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز. شۇڭا سىز چوقۇم XPنى قوزغاتقاندىكى چېسلاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن چېسلانى ئۆزگەرتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. سىرتقى مودېم(MODEM) نىڭ توكىنى ئاچماسلىقتىن ھەزەر ئەيلەش.
XP بولسا ISDN ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تور قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، مودېم(MODEM) نىڭ ئەھۋالىنى ئۇنچە بەك ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. XPنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن مودېمنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان قوزغىتىش پروگراممىسى يوق بولۇپ، پەقەت FOR2000 ياكى NTنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم تورغا ئۇلاش جەھەتتە غەيرىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ سىرتتىن چېتىلىدىغان مودېمدا ئەگەر XP قوزغىلىۋاتقاندا مودېمنىڭ توكى ئېچىلمىغان بولسا، گرافىكلىك كۆزنەككە كىرگەندىن كېيىن، مودېمنىڭ توكىنى ئاچساق، سىستېما بۇ دېتالنى تاپالماسلىقى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئۈسكىنە باشقۇرغۇچتا تۇرۇپ قاتتىق دېتالنى قايتىدىن ئىزدىتىپ كۆرۈشكە ياكى سىستېمىنى قايتا قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىكتۇر. شۇڭا سىرتتىن چېتىلىدىغان مودېم ئىشلىتىدىغان دوستلارنىڭ XPنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن سىرتتىن چېتىلىدىغان مودېمنىڭ توكىنى ئېچىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
4. سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مۇندەرىجىسى ۋە يىراق مۇساپىلىك ياردەم(远程协助) نى ئېچىشتىن ھەزەر ئەيلەش.
XP بولسا مىكرو سوفتنىڭ NETئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا، سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى تەڭشىكىدە تورنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى ئېچىپ قويىدۇ. مەسىلەن: دىسكىڭىزنى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ، توردا Windows مەشغۇلاتىدىكى مەسىلىلەرنى يىراق مۇساپىلىك ياردەم ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ ۋاھاكازالار. توردىكى بۇ خىل ئىقتىدارلار سىستېمىغا پىششىق بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بىلىمى يېتەرسىز بولغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەلگىلىك خەتىرى بار، چۈنكى دىسكىنى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلغاندا ۋە يىراق مۇساپىلىك ياردەمگە يول قويغاندا كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەلۇم ئېغىزلارنى ئېچىشقا، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدىكى ھوقۇقنى بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. گەرچە XPنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمى بولسىمۇ، لېكىن ئەپچىل تۈزۈلگەن ۋىرۇس پروگراممىسى ياكى يامان نىيەتلىك خايكېرلارغا دۇچ كەلسە، بۇ مۇلازىمەتلەر سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ يوقىلىشى، ياكى مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بىلىمگە ئۇنچە پىششىق بولمىغانلار ئەگەر دائىرىلىك تورغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مۇندەرىجە ۋە يىراق مۇساپىلىك ياردەمنى ئېتىۋېتىشى كېرەك.
5. XPنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئوخشاش بىر دىسكىغا Windows9Xنى قاچىلاشتىن ھەزەر ئەيلەش.
XP بولسا NT قۇرۇلمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىستېما ھۆججىتىنى ساقلايدىغان مۇندەرىجىسى WINNT بولماستىن، بەلكى Windowsمۇندەرىجىسىدۇر، شۇڭا سىز XPنى قاچىلىغاندا، شۇ دىسكىغا Windows دەيدىغان بىر مۇندەرىجە قۇرۇلىدۇ. ئەگەر سىز XPنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئوخشاش بىر دىسكىغا Windows9Xنى قاچىلىسىڭىز، كۆپ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، بەلكى 98نىڭ قاچىلاش پروگراممىسىنىڭ ھۆججەتنى قاپلاپ كۆچۈرۈۋېتىشى سەۋەبىدىن XPسىستېمىسىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى Windows9Xنىڭ كۆڭۈلدىكى قاچىلاش مۇندەرىجىسىمۇ Windowsمۇندەرىجىسىدۇر. شۇڭا سىزنىڭ ھەر بىر سىستېمىنى ئايرىم بىر رايونغا قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇندىن باشقا قاچىلاش دىسكىسى ئارقىلىق كۆپ سىستېمىنىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاچىلىغاندا ئاۋۋال تۆۋەن نەشرىدىكىسىنى، ئاندىن يۇقىرى نەشردىكنىى قاچىلاڭ.
6. ACPIنى ياخشى قوللىمايدىغان كومپيۇتېردا xpنىڭ كۈتۈش(待机) ھالىتى ياكى ئۈچەك(休眠) ھالىتىنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش.
ACPIنى ياخشى قوللىمايدىغان كومپيۇتېردىكى مەسىلە ئاساسلىقى توك مەنبەسى ۋە ئاساسى تاختىدىكى مەسىلە بولۇپ، بۇ چاغدا بىز كۈتۈش ھالىتى ياكى ئۈچەك ھالىتىنى ئىشلەتسەك، سىستېما قايتا ئەسلىگە كەلگەندە ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋازى نورمال بولماسلىق، پۇس- پۇس قىلغان قاتتىق ئاۋاز چىقىشى مۇمكىن.
ئۇندىن باشقا كۈتۈش ھالىتى ياكى ئۈچەك ھالىتىدە قاتتىق دىسكىنى تاقايدۇ، بىراق ACPIنى ياخشى قوللىمايدىغان سىستېمىدا قاتتىق دىسكىنى تاقىغان بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزمەيدۇ، ھەتتا قاتتىق دىسكىنىڭ تاقىلىشىمۇ تولۇق بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا سىز كومپيۇتېردىن ئايرىلىپ بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن قاتتىق دىسكا يەنە ئاپتوماتىك ئېچىلىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىتلىق بېشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە قايتىپ بولالماي تۇرۇپلا توك ئېقىمىنىڭ ئىنتايىن زور زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق بولغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرىگە زور دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ سىستېمىسىنىڭ كۈتۈش ھالىتى ياكى ئۈچەك ھالىتىدە BUG بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ياخشىراق بولغان بىر توك مەنبەسى ياكى ياخشىراق ئاساسى تاختىنى ئالماشتۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەگەر ئالماشتۇرغۇڭىز بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى xpنىڭ كۈتۈش ھالىتى ياكى ئۈچەك ھالىتىنى ئىشلەتمەڭ.
ئالدىنقى مەزمۇن:没有了
كىيىنكى مەزمۇن: Windows XP نى كەڭ دائىرىدە تېزلىتىش
ئىزدەش
ئالقىشلىش مەزمۇن
يىڭى مەزمۇن
بازارلىق مەھسۇلات
سىز قايسى سەھىپىدىن رازى؟