| باش بەت—كومپيۇتېر بىلىملىرى—Office تىخنىكا بىلىملىرى |
Word ھۆججىتىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش |
| يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : http://www.xjaklim.com | يوللىغان ۋاقتى : 2010-12-20 16:26:46 | كۆرۇلىشى :561 |
Word ھۆججىتىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش مەلۇم بىر ئېھتىياج تۈپەيلىدىن Word ھۆججىتىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش لازىم بولۇپ قېلىپ،ئېكراندىن رەسىم تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساممۇ مۇۋاپىق ئۆلچەمدە چىقىرالماي قالدىم،قۇشۇمچە دېتاللارنى ئىشلەتكەندە ئېكراندىكى خەتلەر چاپاق چىقىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈندى،ئاخىر توردىن ماتىريال ئىزدەپ يۈرۈپ Word نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ئىقتىدارى ئارقىلىقلا ئۆزگەرتىش ئەمەلگە ئاشتى. 1- قەدەمدە ئۆزىڭىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئېچىڭ.مەن Office2003 ئارقىلىق ئاچتىم،مىكروسوفىت ۋورد دېتالىغا مەۋھۇم كۆپەيتىش قورالى Microsoft Office Document Image Writer نى قوشقان بولۇپ،ھۆججەت تىزىملىكىدىن كۆپەيتىش ئارقىلىق ئاچسىڭىز بولىدۇ.文件،打印.تىزىملىك ئېچىلغاندىن كىيىن 打印 كۆپەيتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.ئەگەر كۆزنەكتىكى كۆڭۈلدىكى كۆپەيتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىسمى Microsoft Office Document Image Writer بولسا ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئەگەر باشقا كۆپەيتىش ئۈسكۈنىسى بولسا يۇقارقى مەۋھۇم كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
2-قەدەمدە مەۋھۇم كۆپەيتىش ئۈسكۈنىسىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 属性 خاسلىق ھالىتىگە كىرىڭ.高级 يۇقىرى دەرىجىلىك تاللاش تۈرىدىن TIFF-黑白传真 نى تاللاپ،رەسىم قېنىقلىق ھالىتىنى 300DPI گە تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرۇڭ.ئاندىن مۇقىملاشتۇرۇڭ.确定،ئاندىن يۇقارقى باش كۆزنەككە قايتىدۇ.بۇ يەردىنمۇ مۇقىملاشتۇرۇشنى باسسىڭىز يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىپ ھۆججەتنى قەيەرگە ساقلاشنى سورايدۇ،ساقلاش ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا Word ھۆججىتى ئىچىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلار رەسىم شەكلىدە سىز كۆرسەتكەن ئۇرۇندا ساقلىنىدۇ،رەسىم تەھرىرلەش قورالى ئارقىلىق رەڭ بېرىش،تەگلىك بېرىش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ،مەسىلەن Photoshop تا بىرمۇ بىر خەتنى كىرگۈزۈشتەك ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنالايسىز.
|
|
پەخرىم ھەققىدە | قوللىغۇچىلار | ۋاكالەتچىمىز | قۇرغۇچىلار | مۇلازىمەتلىرىمىز | نەتىجىلىرىمىز | بانكا ھېساباتى | بىلەت تاشلاش | پىكىر بىرىڭ
|