پەخرىم تورى مۇلازىمەتلىرى: ھۆكۈمەت، كان-كارخانا،شىركەت ۋە شەخسلەرگە كۆپ تىللىق تور بېكەت ياساش، يۇمشاق دېتال تۈزۈش، تور مۇلازىمېتىر قۇرۈش، ئاسىراش، باشقۇرۇش،ئىلان لايىھىلەش، تورخانا تېخنىكىلىق ئىشلىرى قاتارلىقلار...
رەڭ ئالماشتۇرۇش 
تور تىخنىكا بىلىملىرى باش بەتكومپيۇتېر بىلىملىرىتور تىخنىكا بىلىملىرى

مۇلازىمېتىر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ھۈنەرلەر(1)

يوللىغۇچى : pahrim | مەنبەسى : nur.cn | يوللىغان ۋاقتى : 2011-03-10 19:50:16 | كۆرۇلىشى :380
ھەممىگە ئايانكى، مۇلازىمېتىر بىخەتەرلىكى قەتئىي سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا مۇلازىمېتىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قانداق قوغداشمۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلىدۇر. تۆۋەندە بىز دوستلار بىلەن بۇ خۇسۇسىدىكى بەزى ھۈنەرلەربىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.
بىرىنچى ھۈنەر: ئاساسىدىن باشلاش
بىز تور مۇلازىمېتىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، بىز سىنىڭ ئالدى بىلەن نائۇستىلىقى قىلماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. قارا مېھمانلارنىڭ سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىزغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك سۇپىدا يوچۇق بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىڭىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىدە بىر FAT ماگنىتلىق دىسكىنىڭ رايونلارغا بۆلۈشى كۆرۈلگەن ۋاقتىدا، سىزگە دۇنيادىكى بارلىق بىخەتەرلىك يۇمتاللىرىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن سىز ئاساسىدىن باشلاشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. سىز مۇلازىمېتىردىكى بارلىق سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماگنىتلىق دىسكىنى رايونلارغا بۆلۈشنى NTFS غا ئايلاندۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، سىز يەنە مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇسخورلارنىڭ نەشرىنى يېڭىلىشىڭىز كېرەك. سىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋىرۇسخورنىڭ ساندانىنى يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىز، يېڭى ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. بىزنىڭ سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغان ۋىرۇسخورىمىز Exchange Server دىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىقتىدارلىرى كۈچلۈك ۋىرسخورلارمۇ بار ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بىز تەۋسىيە قىلغان بۇ ۋىرۇسخور ئېقىپ كىرگەن بارلىق ئېلخەتلەرنى ھەمدە يۇقۇملانغان ھۆججەتلەرنى ۋە ۋىرۇسلارنى دەل ۋاقتىدا بايقىيالايدۇ. ئۇ ۋىرۇسنى بايقىغان ۋاقىتتا، ئاپتوماتىك ھالدا يۇقۇملانغان ئېلخەتلەرنى ئابونتلاردىن ئايرىۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تور ئاسراش ئۇسۇلى بولسا سىز باشقىلارنىڭ تورنى زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى چەكلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى چۈنكى كۈندۈزى خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ كېچە سائەت ئۈچ- تۆتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، زادى نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ھەر كۈنى قاراپ بولۇشى ناتايىن. ئەلۋەتتە، سىز ھەر كۈنى بۇنداق چەكلىمە قويۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ئاسانلا ئابونتلارنى قاچۇرۇپ قويسىز. بۇ ئۇسۇلنى سىز ئالاھىدە كۈنلەردە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئىشىك ئوچۇق بولغاندىن يېپىق بولسا، ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاسان بولىدۇ.
يەنە بىر ئۇسۇل شۇكى، ئابونتلار تور بېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، جەزمەن تىزىملىتىپ كىرىدىغان بولۇشى كېرەك. سىز دەلىللەش كودىغا چوڭ - كىچىك ھەرپلەرنى سان ۋە ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. Windows NT Server نىڭ دەل مۇشۇ خىل ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر قورالى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ئەگەر سىز بارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ بولۇپ، يەنە مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ يۈرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز توردىن بەزى قارا مېھمان قوراللىرىنى چۈشۈرۈپ، بۇ مەخپىي نومۇرلارنىڭ ئاجىزلىقىنى تېپىپ باقسىڭىز، ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
 ئىككىنچى ھۈنەر: زاپاسلاش ۋە ئۇنى قوغداش
ھەر قانداق بىر تور باشقۇرغۇچى خادىم ھەر كۈنى سانلىق مەلۇماتنى  زاپاسلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەمما، مۇلازىمېتىر بىخەتەرلىكى خۇددى زاپاسلاپ قويغاندەكلا ئاددىي ئىش، ئەمەس. سىز ھەر كۈنى زاپاسلاپ قويسىڭىزلا سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىز بىخەتەر بولۇپ كەتمەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئويلاپ باقمايدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ زاپاسلىغىنىڭىز بولسا ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز زاپاسلاپ بولۇپ، ئۇنى قوغداش باسقۇچىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، يەنىلا ئىش چالا بولغان بولىدۇ-دە مۇلازىمېتىرغا بولغان خەۋپ چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز مۇنداق سىناپ باقساق بولىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە ئەھۋالدا زاپاسلاش خىزمىتى كەچ سائەت 10:00 دىن 11:00 لەرگىچە بولغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پۈتۈنلەي زاپاسلاش خىزمىتى ئادەتتە يېرىم كېچىلەردە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئەمدى سىزنىڭ قانچىلىك سانلىق مەلۇماتنى زاپاسلىماقچى بولغانلىقىڭىزغا باغلىق. شۇڭلاشقا، سىز زاپاسلىغان سانلىق مەلۇماتنى ساقلاشقا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ.
ئۈچىنچى ھۈنەر: RAS غا نىسبەتەن قايتۇرۇپ چاقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش
 Windows NT نىڭ ئەڭ ئېسىل ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغىنى مۇلازىمېتىرنىڭ يىراقتىن زىيارەتكە نىسبەتەن (RAS) قوللاش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. ئەمما RAS مۇلازىمېتىرى قارا مېھمانلارغا نىسبەتەن بىر خىل چوڭ ئىشىك بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، قارا مېھمانلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەت بىر تاللا تېلېفون نومۇرى، بەزى ئۇلار يەنە سەۋرچانلىققا موھتاج بولىدۇ. ئاندىن ئۇلار مەلۇم پەيتى كەلگەندە RAS ئارقىلىقلا مەركىزىي كومپيۇتېرغا كىرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق RAS مۇلازىمېتىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا بىز سىزنىڭ نومۇرنى قايتا چاقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يىراقتىن باشقىلار تىزىملىتىپمۇ كېرەلەيمەيدۇ، سىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىز پەقەت بەلگىلەنگەن IP دىلا ئېچىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز RAS مۇلازىمېتىردا ئالاھىدە كېلىشىم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە، كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى TCP/IP كېلىشىمىدىن ئىبارەت. ئەمما TCP/IP ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئويلاشقاندا، بىز بۇنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئەمما RAS يەنە IPX/SPX بىلەن NetBEUI كېلىشىمىنىمۇ قوللايدۇ. ئەگەر سىز NetBEUI نى RAS كېلىشىمى قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ قارا مېھمانلارغا تاقابىل تۇرۇشىڭىز تەسكەتوختىمايدۇ. مۇلازىمتىېرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە، بىزنىڭ بۇيەردە سۆزلەپ ئۆتكىنىمىز ۋە تەۋسىيە قىلغىنىمىز تور باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭسىناپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان ھۈنەرلەر. ئەلۋەتتە، بۇ بىر قىسىملىرى، ھەر بىر تورباشقۇرۇش خادىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھۈنەرلىرىمۇ بولىدۇ. بىز بۇلاردىن تورباشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالدىنقى مەزمۇن:没有了
كىيىنكى مەزمۇن: IE يېڭى كۆزنەك ئېچىلماسلىقنى ھەل قىلىش
ئىزدەش
ئالقىشلىش مەزمۇن
يىڭى مەزمۇن
بازارلىق مەھسۇلات
سىز قايسى سەھىپىدىن رازى؟